تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

ئۇيغۇر ئىگىلىك تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

كۆرۈش: 563|ئىنكاس: 6

تور تاللا بازىرى ئېچىشنى ئويلىشىپ باققانلار بارمۇ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
    ئىگىلىك تىكلەش توغۇرسىدا تولا ئويلىنىمەن، قارىسام بازار ئېھتىياجى بار ئىشلار خېلى كۆپتەك ھېس قىلىمەن، يەنە بىر تۇرۇپ سەل ئەنسىرەپمۇ قالىمەن، شۇنداق قىلىپ مۇشۇ كۈنلەرگىچە كەلدىم، يېقىندا بىر ئىش كاللامغا كىرىۋالدى، توردىن مال سېتىۋالىدىغانلار بولسا بەلكىم بىلىشى مومكىن، ھازىر چوڭ سودا تورلىرى تور تاللا بازىرى قۇرغىلى تۇردى، مەنمۇ شۇنىڭغا بەكلا قىزىقىپ قالدىم. تور تاللا بازىرىدىكى ماللارنىڭ باھاسى ناھايىتى ئەرزانكەن، مەسلەن دۇكاندىكى قاتتىق قۇتىلىق پېپسى كولالار ئادەتتە 1.6 ئەتراپىدا سېتىلىدىكەن، بۇ خىل تاللا بازارلىرى ھازىر چوڭراق شەھەرلەردە قۇرۇلۇپ بولدى، لىكىن كىچىك شەھەر، ناھىيەلەردە تېخى قۇرۇلغىنى يوق. چۈنكى كىچىك شەھەرلەرنىڭ بازار ئېھتىياجى كىچىكرەك، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنىڭ ئوموملىشىشى ئۈچۈن مەلۇم مەزگىل كېتىشى مومكىن.
بەلكىم ئارىمىزدا تاللا بازىرى ئاچىدىغانلار بار بولۇشى مومكىن، لىكىن بىرەر ناھىيە بازىرى ئىچىدە، ياكى مەلۇم رايۇن ئىچىدە ئۆيىگىچە مال يەتكۈزۈپ بېرىدىغانلار ئازغۇ دەيمەن. مىنىڭچە بۇمۇ بىر بوشلۇق، چۈنكى ھازىر شەھەرلەر ھەممىسى بىنا، كۆپ كىشىلەر پەسكە چۈشۈشكە ھورۇنلۇق قىلىدۇ، ئەگەر مۇشۇ ئىش بەكرەك تەرەققىي قىلىپ قالسا بەلكىم مۇقىم دۇكان ئېلىپ تاللا بازىرى ئاچقاندىن توردا تاللا بازىرى ئاچسا تېخىمۇ چوڭ بازارنى ئىگىلىگىلى بولۇشى مومكىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە تاللا بازىرى ئاچىدىغان دۇكانلاردىن ئامبارلارنىڭ باھاسى ئەرزان، چۈنكى ماللارنى ئۇنداق چوڭ بوشلۇققا تىزماي ئامبارغىلا تىزىپ قويۇپ، مال بويرۇتقانلارغا ئاپىرىپ بەسەكلا بولىدۇ.
ئالدىراشچىلىقتا سەل تاققا-تۇققۇ يېزىپ قويدۇم، ھەر قانداق ئوي-خىيال، پىكىر-تەكلىپلەرنى ئاڭلاشنى ئۈمىد قىلىمەن.
ۋاقتى: 2013-7-10 10:25:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
marka iltimas kilix
بۇنى مەنمۇ ئويلاشقان تېما ئىدى، ئەمما قانداق باشلاشنى، قانداق تەييارلىق قىلىشنى بىلەلمىدىم ،
ۋاقتى: 2013-7-10 10:52:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
marka iltimas kilix
بۇنداق پىلان مېنىڭ كاللامدىمۇ بار ئىدى ، لىكىن مەبلەغ يىتىشمەيدۇ ، بۇ سودىىدا دەسلەپكى بىر مەزگىل پايدا ئېلىشنى ئويلاشماسلىق لازىم
ۋاقتى: 2013-7-10 16:35:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنىڭدا مېنىڭچە ئەڭ مۇھىمى مال مەنبەسى ۋە باھا، سىز مۇشۇ ئىككى ئۆتكەلدىن ئۆتىۋالسىڭىزلا باشقا ئىشلار ئۆزلىكىدىن يۈرۈشۈپ كېتىدۇ ...
ۋاقتى: 2013-7-10 17:37:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
marka iltimas kilix
igilik   قىرىندىشىمىز دەپ ئۆتكەندىن باشقا يەنە مۇكەممەل ،سىستىمىلىق ،ئىشەنچىلىك ،مۇلازىمەت .سۈپەت،ۋە يىڭىلىق ، مۇكەممەل .ئىشلىتىش قولايلىق بولغان تور بەت .ۋە ئىلان تەشۋىقات قاتارلىقلار بولۇشى كىرەك،
مىنىڭ پىكىرىم مۇشۇ قىرىنداشلىرىم
zawut kuramsiz ?
ۋاقتى: 2013-7-10 17:40:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
marka iltimas kilix
تور ئالدامچىلىقىغا قاتتىق قارشى تۇرۇشىڭىز كىرەك،بىزمۇ ئالدانماسلىغىمىز باشقىلارنىمۇ ئالدىماسلىغىمىز كىرەك .سودىدىكى غەلبە،  ۋەدە ۋە ئىشەنىچ
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-7-17 16:19:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
marka iltimas kilix
مىنىڭچە ئاۋال بىرەر چوڭراق تاللا بازىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ماللارنىڭ باھاسىنى بەك تۆۋەن قىلالمىساقمۇ تاللا بازىرىدىكى باھا بىلەن ئوخشاش قىلىپ، مۇلازىمەتنى ياخشى قىلىپ، تەشۋىقاتنى ياخشى قىلىپ سىناپ باقساق بولىدۇ، دەسلەپكى مەزگىلدە باشقا بىرەر ئىش بىلەن تەڭ قىلىپ ئىقتىسادىي جەھەتتىن بەك قىينىلىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالساق، بارا-بارا كۆپ سېتىلىدىغان ماللارنى ئۆزىمىز كىرگۈزۈپ ساتساق ياخشى بوپ كېتەمدىكىن دەيمەن
zawut kuramsiz ?
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

alaka

ئۇلىنىش قوشوش|قاماقخانا|يانفۇن|رەسىمسىز ھالەت|ئۇيغۇر ئىگىلىك تورى::维吾尔创业信息网 ( 新ICP备12002704号 )

GMT+8, 2014-12-19 15:09 , Processed in 0.156689 second(s), 20 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش